ئىستانبۇل رېينا كەچلىك كۇلۇب ھۇجۇمچىسىنىڭ ئايالىمۇ دائېش ئەزاسى ئىكەن

يېڭى يىل كېچىسى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل رېينا كەچلىك كۇلۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، 39 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن «ئىسلام دۆلىتى»‏-دائېشنىڭ ئۆزبېكىستانلىق ئەزاسى ئابدۇقادىر ماشارىپوفنىڭ ئايالىنىڭمۇ دائېش ئەزاسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ھۇجۇمدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تۈركىيە «ھۆرىيەت گېزىتى» نىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە تەپتىش دائىرىلىرى ماشارىپوفنىڭ ئايالى زارىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 گۇماندارنى رەسمىي قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ، مەھكىمىگە يوللىغان.

«ھۆرىيەت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە يەنە، مەھكىمىگە يوللانغان بۇ 11 كىشىنىڭ ئىچىدە زارىنادىن باشقا مەيتىباكې تۇسۇنمەيتى Maitibake Tusunmaiti‏، ئادىلى سالىمۇ Adili Salimu، ئىسلام ماگېمادوف Islam Magemadov، بەختىيار ئابدۇراشىتوف Bakhtiiar Abdurashidov، مەيمەيتى جۇمەينىيازى Maimaiti Jumainiyazi قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

«ھۆرىيەت گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، مەيتىباكې تۇسۇنمەيتى ئىستانبۇلدىكى بىر مەخپىي دائېش قوناق ئۆيىنى ئاخۇرغاندا چىققان 159 مىڭ دوللار بىلەن قولغا ئېلىنغان. «ھۆرىيەت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە يەنە، جۈمەينىيازىنىڭ دائېشنىڭ ئىستانبۇلدىكى 12 مەخپىي قوناق ئۆيىگە مەسئۇل كىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئادىلى سالىمۇ، مەيتىباكې تۇسۇنمەيتى، مەيمەيتى جۇمەينىيازى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىسمىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ خىتاي پۇقراسى ياكى ساختا خىتاي پاسپورتى ئىشلەتكەن باشقا ئەل پۇقرالىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.