خىتاينىڭ ياۋروپاغا سوزۇلغان «بىر يول بىر بەلۋاغ» پىلانىدا ئەڭ مۇھىم دۆلەت ھېسابلىنىدىغان ئىتالىيە ئەمدى بۇ پىلاندىن چىقىپ كېتىشنىڭ شەپىسىنى بەرگەن.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 9-ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى (Giorgia Meloni) ئالدىنقى ھەپتە رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا رەئىسى كەۋىن مەككارتى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گەرچە رەسمىي قارار قىلمىغان بولسىمۇ ئەمما خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىتالىيە 2019-يىلى باش مىنىستىر جوسىپ كونتى (Giuseppe Conte) ۋاقتىدا خىتاي بىلەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» نىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، «7 دۆلەت گۇرۇھى» ئىچىدە بۇ كېلىشىمگە قاتناشقان بىردىنبىر دۆلەت بولۇپ قالغان. ئەگەر ئىتالىيە ھۆكۈمىتى بۇ كېلىشىمنى بىكار قىلمىسا، 2024-يىل ئۆزلۈكىدىن كۈچكە ئىگە بولۇپ ماڭىۋېرىدىكەن.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا، «خىتاي بىلەن ئىتالىيە ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› نىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق قېزىپ، بىر-بىرىگە نەپ بېرىدىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك» دېگەن.
ئىتالىيە ھۆكۈمىتى تاشقىي ئىشلار مەسلىھەتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئەگەر بۇ كېلىشىمدىن چېكىنسە، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان بولۇپ، 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «7 دۆلەت گۇرۇھى» باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، قارارىنى ئاشكارىلىمايدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىتالىيە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاشلا خىتايدىن ئىقتىسادىي جەھەتتە ئايرىلالماي قالغان ھەمدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئارىسالدى بولۇپ قالغان دۆلەت بولۇپ، خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىشى بۇ مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن. ياۋروپا دۆلەتلىرى بىر ياقتىن خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلسا، بىر ياقتىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكى ۋە بېسىمىغا قارشى تۇرماقتا ئىكەن.