جەنېت يېللېن ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن «ساغلام رىقابەت» قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان

خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېللېن 7-ئىيۇل خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن «غەلىبە قىلغۇچى ھەممىگە ئېرىشىدىغان» ئەمەس، بەلكى «ساغلام رىقابەت» قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنېت يېللېن خىتاي باش مىنىستىرىغا قىلغان سۆزىدە يەنە بۇ زىيارىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋە دائىملىق ئالاقە قاناللىرىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا «رەھبەرلىك قىلىش» مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئېيتقان.

جەنېت يېللېننىڭ خىتايغا قاراتقان 4 كۈنلۈك زىيارىتى ئامېرىكانىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى خىتايغا قارىتا ئارقا-ئارقىدىن ئىقتىسادىي چەكلەش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، جەننېت يېللېن بېيجىڭدا قىلغان سۆزىدە ۋاشىنگتوننىڭ «بەزى ئەھۋاللاردا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ئېھتىياجلىق» ئىكەنلىكى، ئەمما بۇ خىل تەدبىرلەردىكى ئىختىلاپ تېخىمۇ كەڭ مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. جەنېت يېللېن مۇنداق دېگەن: «بەلكىم بىز بۇ خىل ئەھۋاللاردا ئىختىلاپقا چۈشۈپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بىز ھەر قانداق بىر ئىختىلاپنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇناسىۋىتىمىزنى ئورۇنسىز ناچارلاشتۇرۇۋېتىدىغان ئۇقۇشماسلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك.»

جەنېت يېللېن يەنە «بىز غەلىبە قىلغۇچى ھەممىگە ئېرىشىدىغان ئەمەس، بەلكى ئادىل قائىدە-تۈزۈم بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەر ئىككى دۆلەتكە نەپ يەتكۈزىدىغان ساغلام رىقابەتنى قوغلىشىمىز» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنېت يېللېن بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە كاشىلا چىقىرىۋاتقانلىقىنىمۇ تەنقىد قىلغان. ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بېيجىڭنىڭ «ئادالەتسىز ئىقتىسادى پائالىيەتلىرى» گە قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى ئېيتقان.