ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېللېن (Janet Yellen) 6-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى خىتايغا يېتىپ بارغان. ئۇ بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە خىتايغا بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
يېللېن 7-ئىيۇل جۈمە كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئۇچرىشىشلىرىنى باشلايدىغان بولۇپ، ئۇ تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې ۋە خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ سابىق باشلىقى جوۋ شياۋچۈەن بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئاندىن خىتاي باش مىنىستىر لى چياڭ بىلەن ئۇچرىشدىكەن.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ دېيىشىچە، يېللېن خانىمنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى ئىنتايىن قېيىن ئاتموسفېرا ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قويۇۋاتقان سودا چەكلىمىسى ۋە جازا تەدبىرلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇۋاتقان بىر شارائىتتا، بۇ چەكلىمىلەرنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك ئىكەن.
يېللېن خانىم خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مۇشۇ مەزگىلدە، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ تېخنىكىلىرىغا ئېرىشىشىنى چەكلەيدىغان بىر قانچە يېڭى سودا چەكلىمىسىنى ئېلان قىلىش ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان ئىكەن. بۇ ئامېرىكانىڭ ئىلغار ئۆزەك تېخنىكىسىنى خىتايغا ساتماسلىق ۋە خىتايغا مەبلەغ سالماسلىق قاتارلىق چەكلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ بۇلۇت مۇلازىمىتىگە كىرىشىنىمۇ چەكلىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ بۇ چەكلىمىلىرىگە قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم ھالقىلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»گە دېيىشىچە، يېللېن خانىمنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا بۇ چەكلىمىلەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
جەنېت خانىمنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە كىلىمات مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلارنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىنماقتا.