جاڭ خەيتاۋ ئائىلىسىنىڭ ئامېرىكاغا قېچىپ كېلىشىمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يورۇتۇپ بەردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي ئادۋوكات جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالى ئوغلى بىلەن بىرلىكتە يېقىندا ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن ئىدى. بۇ ۋەقە بىلەن تەڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسەتلىرى يەنە بىر قېتىم خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېغىر تەقىب ۋە بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بۇ سىياسەتلەرگە تەنقىدىي پىكىردە بولغانلارنىمۇ ئىنتايىن ئېغىر جازالاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جاڭ خەيتاۋنىڭ ئادۋوكاتى جاڭ ئەگەر خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە بولغان بولسا كۆپ بولغاندا ئۈچ يىل كېسىلىدىغانلىقىنى ئەمما ئۇ «شىنجاڭدا بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئېغىر جازالانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

جاڭ خەيتاۋ ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدە بىر ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان ئادەتتىكى بىر ئىشچى بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ۋە دىنى سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ كۆپ قېتىم «سىنا بلوگى» ۋە ئۈندىدارغا ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى يوللىغان. خىتاي سوتى ئۇنى 2016-يىلى سوتلىغاندا: «جاڭ خەيتاۋ 2010‏-يىلىدىن 2015‏-يىلىغىچە تور بەتلەرگە 274 پارچە يوللانما يوللاپ، كومپارتىيە ۋە ئۇنىڭ سىياسەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، تۆھمەت چاپلىدى. چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى سۈرەت بىلەن تەمىنلىدى» دەپ، ئۇنى «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ۋە «چەتئەلگە جاسۇسلۇق قىلىش» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن. جاڭ خەيتاۋ 19 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى لى ئەيجې ئىزچىل ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا ئۇچرىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، قەشقەردىكى بىر مېھمانخانا خوجايىنىنىڭمۇ بۇ يىل ئاپرېلدا «ۋېيبو» دا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتكە ئائىت ۋە دىنغا ئائىت ئىككى پارچە ماقالىنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ھەم شۇنداقلا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىمۇ بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر خەۋەر «جەنۇبىي خىتاي سەھىرى» گېزىتى قاتارلىقلار تەرىپىدىنمۇ تارقىتىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت