ئامېرىكىدا خىتاي تىلىدا چىقىدىغان «ئاپوللو خەۋەرلىرى» تورى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يېقىندىن بۇيان تىغ ئۇچى جياڭ زېمىنغا قارىتىلغان خەۋەرلەرنى توپلاپ مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە گېزىتلىرىدە يېقىندىن بۇيان پەيدا بولۇشقا باشلىغان جياڭ زېمىنغا قارشى بېشارەتلەر ئۇنىڭ ئاز كۈن ئىچىدە قولغا ئېلىنىش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتىكەن.
خەۋەردە خىتاينىڭ ئارمىيە سىستېمىسىغا مەنسۇپ گېزىتلىرىدىن «يەر شارى ۋەزىيەت ئۇچۇرى» نىڭ 1-سېنتەبىردىكى سانىغا بېسىلغان مەخسۇس ماقالە نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ماقالىدە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى بىر-بىرلەپ تۇتقان جۇ يۇڭكاڭ، بو شىلەي، لىڭ جىخۇا، شۈ سەيخۇ، گو بوشيۇڭ قاتارلىق «چوڭ يولۋاسلار» نى ئەينى ۋاقىتتا جياڭ زېمىن بىلەن زېڭ چىڭخۇڭنىڭ ئۆستۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە يەنە «پېنسىيىگە چىقىپمۇ دەم ئالمىغان» جياڭ زېمىن دەل ئۇلارنىڭ خوجايىنى، دېيىلگەن.
9-ئاينىڭ 16-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولغان «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» تە جۇ يۇڭكاڭ، بۆ شىلەي قاتارلىق 6 نەپەر «چوڭ يولۋاس» نىڭ سىياسىي قارا نىيەت بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ مۇستەقىل پادىشاھلىق قۇرماقچى بولغانلىقى ھەمدە جياڭ زېمىننىڭ ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالغانلىقى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.
سىياسىي ئانالىزچىلار، بۇ سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ ئاز كۈن ئىچىدە غۇلايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارىماقتا.