خىتاي ھۆكۈمىتى «جاسۇسلۇققا قارشى خەۋپسىزلىك ئىشلىرى نىزامى» نى ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «جاسۇسلۇققا قارشى خەۋپسىزلىك ئىشلىرى نىزامى» نى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر نىزامنىڭ 26-ئاپرېلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئىدارىلەرنىڭ خاراكتېرى، مەخپىيەتلىك دەرىجىسى قاتارلىق ئامىللار ئاساسىدا ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئۆز مەخپىيەتلىكىنى قەتئىي ساقلىشى، جاسۇسلۇققا ياتىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشى، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم ئىكەن.

ئۆتكەن مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم ئىدارە ئورگانلىرىنىڭ لاگېرلار مەسىلىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بارلىق ئۇچۇرلارنى «دۆلەت مەخپىيىتى» قاتارىدا بىر ياقلىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. يەنە كېلىپ چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئەمگەكلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى ئىدارىلەر ئېلان قىلغان ھۆججەتلەرنى مەنبە قىلغانىدى. ئەمدىلىكتە بۇ يېڭى نىزامنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى بولسا بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش، شۇ ئارقىلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ مەخپىي تۇتۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتىكەن.