ئەنگلىيە پارلامېنتىدا پاش بولغان ئىككى نەپەر خىتاي جاسۇس گۇماندارى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئەنگلىيە سىياسىي ساھەسىنى قاتتىق چۆچۈتۈش بىلەن بىرگە مۇھاجىرەتتىكى ھەر ساھە پائالىيەتچىلىرىنىمۇ ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى ئوبزورىدا بۇ ئەھۋال ئالاھىدە يەر ئالدى.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى جاسۇس گۇماندارى ۋەقەسى ئاددىيلا بىر ھادىسە ئەمەس بولۇپ، ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن غەرب ھاكىمىيەت سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قېتىملىق پاش بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما بۇنىڭدا غەرب ھۆكۈمەتلىرىدىن باشقا غەرب دۇنياسىدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى ئەندىشىگە سالىدىغان كۆپلىگەن ئامىللار مەۋجۇت ئىكەن. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، غەرب دۇنياسىدىكى خوڭكوڭلۇق سىياسىي پائالىيەتچىلەر، تىبەت مۇستەقىلچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئاللىقاچان ئۆزلىرىنىڭ دەل مۇشۇ خىل جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىغان.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئاشۇ توپلارغا مەنسۇپ پائالىيەتچىلەر ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «چېگرا ھالقىغان ئۇزۇن قولى» نىڭ پايلاقچىلىقى ۋە نازارىتىگە نىشان بولۇپ كەلگەن. بۇ قېتىم پاش بولغان جاسۇس گۇماندارىنىڭ بىرى ئىلگىرى خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى فىن لاۋ (Finn Lau) بىلەن كۆرۈشكەن ۋە يېرىم سائەتچە سۆھبەتتە بولغان. خوڭكوڭ دائىرىلىرى ئاللىقاچان فىن لاۋنى تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە 100 مىڭ ياۋرو مۇكاپات بېرىشنى ۋەدە قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى باشقا بىر خىتاي ئۆزىنىڭ مۇخبىر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى ئايرىم زىيارەت قىلماقچى بولغان. خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەردىن گۇاڭ سوڭچىڭ (Chung Ching Kwong) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ھازىر پارلامېنت ئەزالىرى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خىتاي پائالىيەتچىلەر ھەممىدىنمۇ بەكرەك ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەڭ تېز سۈرئەتتە بۇ خىل ئىشلارغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ قانداق ئۇچۇرلارنى توپلايدىغانلىقى توغرىسىدا بىزنى خەۋەرلەندۈرۈشى لازىم» دېگەن.