سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا «ئامېرىكا بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا خىتاينىڭ «خۇاۋېي» ۋە «جۇڭشىن» قاتارلىق تېلېفون ئالاقە شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتىسى،» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
رويېترس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، «جۇڭشىن» شىركىتى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ خەلقئارالىق تىجارەت ۋە خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكى قائىدىلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر تىجارىي شىركەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
سەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات باش مۇدىرلىقىنىڭ باشلىقى رىچارد يۇقىرىقى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ شىركەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئالدىنقى ھەپتە ماركو رۇبىيو ۋە توم كوتتون قاتارلىق ئىككى نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ «خۇاۋېي» ۋە «جۇڭشىن» شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان تېلېفون ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ياكى ئىجارىگە ئېلىشنى چەكلەيدىغان بىر قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ «خۇاۋېي» شىركىتى ئىشلەپچىقارغان قول تېلېفونلىرىنىڭ ئامېرىكىدا سېتىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلار ۋە ئۇنىڭدىكى تۈرلۈك ئەپلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە باشقا دۆلەتلەردىمۇ دىققەت قوزغىماقتا. رۇسىيە دائىرىلىرى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈندىدار «يۇمتال» نى رۇسىيەدە ئىشلىتىلىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن ئىدى.
«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» ئۆتكەن يىل 12-ئايدا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ھەربىي خادىملارغا خىتاي ئىشلەپچىقارغان ئۈندىدار، مېيتۇشيۇشيۇ قاتارلىق 42 خىل يۇمتالنى تېلېفونلىرىغا قاچىلىماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.