مۇستافا ئاقسۇ كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تونۇشتۇردى
2020.03.09
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقسۇ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنىڭ كولورادا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىنى تونۇشتۇرغان.
كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇستافا ئاقسۇ 6-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا، «كىشىلەر ‹جازا لاگېرلىرى› دېگەن سۆزنى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى بىلەن باغلاشقا مايىل بولسىمۇ، لېكىن بۇ لاگېرلارنىڭ ھازىرمۇ مەۋجۇت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن يەھۇدىيلار «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دېگەن ھەرىكەت قوزغاپ، كىشىلەرنى جازا لاگېرلىرىدىكى ۋەھشىيلىكلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جازالاش، خورلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشى ۋە ئەمگەك لاگېرلىرىغا زورلىشىدەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر خەۋەرلەر دۇنيانى قاپلىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يىغىندا مۇستافا ئاقسۇ «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ، دېگەننىڭ ھازىر قايتا يۈز بېرىۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، خىتايدىكى بۇ ۋەزىيەت سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆزى بىلەن چەك-چېگرا ئاجراتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانلىق ئۇچۇرىنى توپلاپ، كىشىلەرنى «ئىشەنچلىك ئادەم»، «تەھدىت» ياكى «خەتەرلىك ئادەم» دەپ دەرىجىگە ئايرىغانلىقى، ئۇ لاگېرلارنى «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ تەرىپلىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى كىشىلەرنىڭ جىنسى تاجاۋۇزچىلىققا، ئاچ قالدۇرۇشقا، يۈزىگە چىراغ يېقىپ ئۇخلاشقا مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يىغىننىڭ ئاخىردا، كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايدا ئۇزۇن يىل «ئېتنوگرافىيەلىك» تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئوقۇغۇچىسى ساراھ تىنەن تىڭشىغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر ئىلتىماسقا ئىمزا قويۇپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.