خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئامېرىكا چېگراسىدا تۇتۇپ قېلىنغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۇ يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلغان قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ تۇتۇپ قېلىنغان.   

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدە ئامېرىكا تاموژنىسى خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى تەمىنلەيدىغان بىر نەچچە شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىنى تۇتۇپ قالغان ياكى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن. خىتاي شىركەتلىرى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي زاۋۇتلىرى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان، قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ماتېرىيالى بولغان كرىستاللىق كىرمىنىي  پۈتۈن دۇنيا بازىرىنىڭ 41 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.  ئامېرىكانىڭ مال ئالغۇچىلىرى بىلەن خىتاينىڭ مال تەمىنلىگۈچىلىرى بىر نەچچە ئايدىن بېرى يېڭى قائىدە چىقىرىشقا تەييارلىق كۆرگەن ۋە بۇ ماللاردا ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىغا ئىسپات چىقىرىپ بەرگەن، ئەمما تاموژنا خادىملىرى بۇ قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىغا ئىشلىتىلگەن ماددىلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن قېزىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. شىركەت بىلەن تاموژنا ئارىسىدىكى بۇ تالاش-تارتىش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن ماللار ئىسكىلاتتا ئايلارچە بېسىلىپ ياتماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.