ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى خىتاينى جەنۇبىي دېڭىزدا زورلۇق چىقارماسلىققا ئاگاھلاندۇردى

ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى مالكوم تورنبۇل خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۈچكە تايىنىپ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت نارازىلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تورنبۇل بۇ سۆزلەرنى جۈمە كۈنى سىنگاپوردا باشلانغان شياڭ رې-لا دىئالوگى ناملىق خەلقئارا بىخەتەرلىك-مۇداپىئە يىغىنىدا قىلغان. تۇرنبۇل، خىتاي ئىقتىسادى كۈچىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ رايوندىكى رولى شۇنىڭغا مۇناسىپ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ ئۇششاق قوشنىلىرىغا تەھدىت سېلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: «خىتاينىڭ زورلۇق چىقىرىشى قوشنا ئەللەردە ئىگىلىك ھوقۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك پائالىيەت بوشلۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئەندىشىنى قوزغاپ، ئۇلارنى بېيجىڭنىڭ كۈچىگە قارشى باشقىلار بىلەن، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋېتىنى كۈچەيتىشكە ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئېلان قىلىپ، سۈنئىي ئاراللارنى ياسىغان ۋە ئۇنىڭغا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ، شۇ ئەتراپتىكى فىلىپپىن، ۋېيتنام، قاتارلىق دۆلەتلەرنى قاتتىق بىئارام قىلىپ، ئۇلارنى ئامېرىكا بىلەن يېقىنلىشىشقا مەجبۇرلىغان.

مالكوم تورنبۇل يەنە، جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى دۆلەتلەرنى پرېزىدېنت ترامپنىڭ تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا كېلىشىمى ۋە يەر شارى ھاۋا كلىماتى كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى ھەرگىز خەلقئارا جامائەتتىن يىراقلاشقانلىق، دەپ قارىماسلىققا چاقىرغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس جۈمە كۈنى سىنگاپوردا مۇخبىرلارغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىم ماتتىس: «مەن شاڭرې-لا دىئالوگىدا ئامېرىكا بىزنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمەن» دېگەن.