خىتاي ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاۋىئاماتكا مەشغۇلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكىنىڭ جون ستەننىس ۋە رونالد رېگان ناملىق ئىككى ئاۋىئاماتكىسى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى فىلىپپىننىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەربىي مەشىق باشلىغان ئىدى.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدە بۈگۈن بىر ئوبزور ئېلان قىلىنىپ، مەزكۇر ئىككى ئاۋىئاماتكىنىڭ مەشغۇلاتى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان. ئامېرىكىنىڭ خىتايغا نەيرەڭۋازلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئىشتا خاتا ئورۇن تاللىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئوبزوردا «بۇ خاتالىقنىڭ ئارقىسىدا ۋاشىنگتوننىڭ ھەم ئەندىشىسى، ھەم تەكەببۇرلۇقى مەۋجۇت، بۇ شۇنداقلا جاھانگىرلىك تەبىئىتىنىڭ ئىپادىسى» دېيىلگەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قوماندانى دۈشەنبە كۈنكى باياناتىدا بولسا، ئىككى ئاۋىئاماتكا مەشغۇلاتىنى «ئامېرىكىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالى»دېگەن ۋە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغۇچى ئۇرۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، ئامېرىكا ئىككى ئاۋىئاماتكىسىنىڭ بۇ قېتىمقى مەشغۇلاتى، فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەرزى توغرىسىدا خەلقئارا سوت ئېچىلىشقا يېقىنلاشقان مەزگىلگە توغرا كەلگەچكە خىتاينىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.