خىتاي نيۇيوركتىكى ئېلان مۇنارىدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار تەشۋىق فىلىمىنى قويۇپ دىققەت قوزغىدى

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 26-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، 12-ئىيۇل كۈنى گوللاندىيەدىكى خەلقئارا سوت خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللاردا ئىگىلىك ھوقۇقى يوقلۇقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى نېۇيورك سودا مەركىزىدىكى ئېلان مۇنارىدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار مەنزىرىسى ھەققىدە ئىشلەنگەن تەشۋىق فىلىمىنى ھەر كۈنى 120 قېتىم قويۇشنى باشلىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر فىلىم 23-ئىيۇل قويۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، 8-ئاينىڭ 3-كۈنىگە قەدەر ھەر كۈنى 120 قېتىم قويۇلۇۋاتقان مەزكۇر 3 مىنۇت 12 سېكۇنتلۇق تەشۋىقات فىلىمىدا، خىتاينىڭ «قەدىمدىن تارتىپلا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقى» تەشۋىق قىلىنغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خىتاينىڭ 2011-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ نيۇيورك سودا مەركىزىدىكى ئېلان مۇنارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى باشلىغانلىقى، ئېكراننىڭ ھەر ئايلىق ئىجارىسى 300 مىڭدىن 400 مىڭ دوللارغىچە بولغان مەزكۇر ئېلان مۇنارىدا خىتاينىڭ 30 دىن ئارتۇق ئۆلكە، شەھىرى ھەققىدىكى تەشۋىقات فىلىملىرى بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلىرى نەقىل ئېلىنغان.