كورېيە ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى پەسىيىپ قالغان بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا داۋاملىق ئارال قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئامېرىكىنىڭ بىر كۆزىتىش شىركىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2017-يىلى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ سپراتېل، پاراسېل ئاراللىرىدا 28 گېكتارلىق ئورۇندا ئارال ياساپ، ھەربىي ئەسلىھە ئورۇنلاشتۇرغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە مەزكۇر شىركەتنىڭ تارتقان سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىدىن بۇ ئارالدا ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى، يەر ئاستى ئامبارى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ساقلاش ئورنى، رادار ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن جەنۇبىي دېڭىزنىڭ «دېڭىز قاتناش قائىدىسى» نى سۆزلىشىشكە ئولتۇرغان، ئامېرىكا بىلەن بولغان بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپىدا ئازراقمۇ يۇمشاش بولمىغان بىر مەزگىلدە ئاشكارىلاندى.
خىتاينىڭ 2016-يىلى سپراتېل ئاراللىرىدا ئېلىپ بارغان قۇرۇلۇشى ئەتراپتىكى مالايسىيا، تەيۋەن، فىلىپپىن، ۋىيېتنام، برۇبېي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. لېكىن ئامېرىكا «ئەركىن دېڭىز قاتنىشى» نى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى بىر تەرەپلىمىلىك ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىۋالغان 7 ئارالنى كېڭەيتىپ، ئۇنىڭغا 1248 گېكتارلىق يەر قوشقان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى سۈنئىي ھەمراھ شىركىتىنىڭ دىرېكتورى گرېگ پولىڭ، خىتاينىڭ فىلىپپىن پرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى يۇمشاق پوزىتسىيەسى ۋە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتى شىمالىي كورېيە يادرو تەھدىتىگە مەركەزلىشىپ قالغان ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار خالىغان بارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.»