خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتىكى رايوندا ئەمەلىي دېڭىز ئارمىيە ھەربىي مانېۋىرى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مانېۋىر چارشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي مەزكۇر رايوندا سۈنئىي ئاراللارنى ياساپ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ سۈنئىي ئاراللاردىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاينىڭ «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» 18 دېكابىر خەۋىرىدە، مانېۋىرغا خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى، سۇ ئاستى پاراخوتلىرى، سىگنال ئايروپىلانى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئىگىلىك ھوقۇق بارلىقىنى جاكارلاپ، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپى پەيدا قىلغان. خىتاي بىلەن بىرگە رايوندىكى ۋىيېتنام، فىلىپپىن، مالايشىيا، بىرۇنېي، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى داۋا قىلىپ كەلگەن ئىدى.
خىتاي «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى»نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مانېۋىر رايونى بىر قانچە مىڭ كىلومېتىرلىق دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
مانېۋىردىن سەل ئاۋۋال يەنى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا تىنچ ئوكيان پىلوتىنىڭ قوماندانى، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىختىلاپ رايوندا ھەربىي ھازىرلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.