«جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» يىغىنىدا 40 مىليارد 410 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغى ئىمزالانغان

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 31-كۈنى قەشقەردە «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش 2023-يىللىق يىغىنى» چاقىرىلغان.

خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ۋىچات خەۋەر قانىلىدا بېرىلگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، بۇ يىغىندا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن پۇقراۋى كارخانىلار قەشقەر، بايىنغولىن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، خوتەن قاتارلىق بەش ۋىلايەت-ئوبلاستقا 64 تۈر بويىچە مەبلەغ سالماقچى بولغان، كېلىشىمدە ئىمزالىغان مەبلەغ سوممىسى 40 مىليارد 410 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

خىتاينىڭ پۇقراۋى كارخانىلىرى 2018-يىلدىن باشلاپلا «جەنۇبى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىش» دولقۇنى قوزغىغان بولۇپ، 447 تۈر بويىچە 115 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. ئۇلار«شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكى ۋە تەبىئىي بايلىقى» دىن پايدىلىنىشنى كۆزلىگەن بولۇپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، باغۋەنچىلىك، باقمىچىلىق قاتارلىق «8 چوڭ كەسىپ» كە مەركەزلەشكەن.

خىتاينىڭ پۇقراۋى كارخانىلىرى «جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان» ۋاقىت دەل ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلىنىپ بىر يىل ئۆتكەن ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە ھەر 25 ئادەمدىن بىرى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەرلىرى، باغ-ۋارانلىرى ئاق قالغان.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى 2010-يىلدىن باشلاپ قەشقەرگە 1300 دەك كارخانىنى مەبلەغ سېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. گۇاڭجۇ شەھىرىدىن كەلگەن شىركەتلەر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە «نۇقتىلىق ياردەم» بېرىش نامى بىلەن ياتاقلىق مەكتەپ ئېچىش، دېھقانچىلىق كوپىراتىپى قۇرۇش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىش، ئۆيلىرىنى چېقىش بىلەن شۇغۇللانغان. 2018-يىلدىن باشلاپ، بۇ شىركەتلەر ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندىن كېيىن بوش قالغان زېمىن ۋە بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىشقا باشلىغان.