جېروم كوئېن: «ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشقا قارىتا نېمىلەرنى قىلالايمىز؟»

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۈگۈن خەلقئارادا تونۇلغان قانۇنشۇناس، نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، شۇنىڭدەك ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى جېروم كوئېن يەنە بىر قېتىم قەلەم تەۋرىتىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە ئالدى بىلەن بۇ خىلدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ ماھىيەتتە ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان «ئەمگەك ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» سىستېمىسىنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ نۆۋەتتە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇنداق كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى «ئوڭچىلارغا قارشى كۈرەش» نى ئەسلىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇ يەنە بۇ خىل زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ خىتاي ئىمزا قويغان بىر قاتار خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، خەلقئارادىكى بۇ نامى «ھەيۋەتلىك» تەشكىلاتلار خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىشى ھەمدە بۇ خىل زوراۋانلىقنى چەكلەشكە كۈچ چىقىرىشى لازىملىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ھازىر ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كېڭىشى ۋە باشقا تەشكىلاتلار خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا بولۇۋاتقان، زەئىد ھۈسەيىنگە ئوخشاش شىجائەتلىك خادىملار ۋە ئا ق ش دەك قۇدرەتلىك دۆلەتلەر بۇ تەشكىلاتلاردىن چېكىنىۋاتقان ئەھۋالدا بۇنداق قىلىش تېخىمۇ زۆرۈر ئىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكىدەك ئايرىم دۆلەتلەر «ماگنېتسكىي قانۇنى» نى تەتبىقلاپ ئالدى بىلەن شى جىنپىڭدەك كىشىلەردىن ئىش باشلىشى لازىم ئىكەن. ئۇ بۇ جەھەتتە تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەر ھەمدە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىغا سۈكۈت قىلىشنى نومۇس دەپ بىلىشى لازىم» دەپ خىتاب قىلىدۇ.