ئاندرويىد يامان غەرەزلىك «جاسۇسلۇق ھەرىكىتى» يۇمتالى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانىكەن

تەتقىقاتچىلار «يەرشارى ئېمپۇسا» ناملىق بىر تور جاسۇسلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ساختا تور بەتلىرى ئارقىلىق جاسۇسلۇق يۇمتالى يوللاۋاتقانلىقى، بۇ يۇمتالنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. «خەتەر پوچتىسى» ناملىق تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار «جاسۇسلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان بىر خىل يېڭى ئاندرويىد جاسۇسلۇق يۇمتالىنى بايقىغان. بۇ جاسۇسلۇق يۇمتالى ساختا تور بەتلىرى ئارقىلقى كىشىلەر كۆپ كىرىدىغان تور بېكەتلىرىگە يوللىنىپ، شۇ يەردىن نىشاندىكى تور بەتلىرىگە كىرىدىكەن. خەۋەردە، تەتقىقاتچىلارنىڭ مەزكۇر جاسۇسلۇق يۇمتالى ئۇيغۇر شاھىتلىرىنى نىشان قىلغان، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يۇمتالنى «تراند مىچرو» ناملىق تور بىخەتەرلىك تەشكىلاتى بايقىغان. ئۇنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئانالىزىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار مەزكۇر جاسۇسلۇق يۇمتالى بۇ يىل 4-ئايدا بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاز دېگەندە يېقىنقى 3 يىلدىن بېرى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «تراند مىچرو» تور بىخەتەرلىك تەشكىلاتىدىكى تەتقىقاتچىلار بۇ يۇمتالنىڭ «بىر خىل ئاندروئىد جاسۇسلۇق يۇمتالى» ئىكەنلىكى، ئۇ «تور ھۇجۇمچىسىنىڭ بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرى ئاجىز تور ئەسلىھەلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ خىل جاسۇسلۇق يۇمتالىنىڭ تۈركىيەدىكى خەۋەر تورى ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ تور بېكەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شۇ يەردىن باشقا تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى، بۇ ئۇسۇلنى تەيۋەندىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ساھايەت شەركەتلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىمۇ قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ تور بېكىتى، شەخسى ئېلخەت ئىزچىل خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلدى. ئۇلار ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېكىتىنى بىر قانچە قېتىم پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.