ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تىنىمسىز خىزمەت قىلىۋاتقان جەۋھەر ئىلھام «ئەركىنلىك تەشەببۇسچىسى» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن.
بۇ مۇكاپات خەلقئارادىكى قۇل ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىدىكى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان «ئەركىنلىك بىرلەشمىسى» (Freedom United) تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان. ئۇلار مۇكاپات ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا جەۋھەر ئىلھامنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن:
«جەۋھەر ئىلھامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تۈگىتىش يولىدا بوشاشماي كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقى ئەسلىدە خىتايدا ‹بۆلگۈنچىلىك› جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان دادىسى، ئۇيغۇر ئالىمى ئىلھام توختى ئۈچۈن قىلغان پائالىيىتى بىلەن باشلانغان. گەرچە جەۋھەر دادىسىنى قۇتقۇزۇش مەقسىتىگە تېخى يېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدىكى خىزمەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلدى.»
«ئەركىنلىك بىرلەشمىسى» تەشكىلاتى ئۇقتۇرۇشىدا يەنە مۇنداق دېگەن: جەۋھەر ئىلھامنىڭ «مۇرەككەپ ۋە كەڭ كۆلەملىك ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى ھەققىدە تەييارلىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك دوكلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىكى خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يەنىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنىڭ چىقىرىلىشىغا تۈرتكە بولدى».
جەۋھەر ئىلھام 1994-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بېيجىڭدا ئوقۇغان. ئۇ 2013-يىلى دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئايرودرومدا قولغا ئېلىنىشى بىلەن يالغۇز ئامېرىكاغا كەلگەندىن بۇيان توختىماي تىرىشىپ، ئامېرىكادىكى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنى 2019-يىلى سىياسىي پەنلەر، يېقىن-شەرق مەدەنىيەت ۋە تىل تەتقىقاتى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتى بويىچە بىرلا ۋاقىتتا باكالاۋرلىق ئۇنۋانى بىلەن پۈتتۈرگەن.
جەۋھەر ئىلھام، 2020-يىلىدىن باشلاپ مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى (Worker Rights Consortium) دە خىزمەتكە باشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى كۈچلۈك ئاۋازى بولۇپ قالغانىدى.
جەۋھەر ئىلھام بۇ مۇكاپات ھەققىدە «X» كە يازغان ئىنكاسىدا ئۆزىنىڭ ئۆتكەن 10 يىل مابەينىدە دادىسى ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن نۇرغۇن مۇكاپاتلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ مۇكاپاتنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپاتلىقىنى ئېيتىپ، يۇقىرىدىكى ئورگانغا تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەن.