جەۋھەر ئىلھام: «ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويدى، بىراق ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەيدۇ»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋھەر ئىلھام يېقىندا «تومسون رۇيترېس فوندى» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» گەرچە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇش كۈرىشىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە بولسىمۇ، بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ بۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «مېنىڭ دادام، ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى ئۆز خەلقى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا ئاشكارا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ 8 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، باشقا سانسىزلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش يەنىلا خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا. ئامېرىكا بۇ ھەپتىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىدىغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ئۆز خەلقىم ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى قوغداش يولىدا بېسىلغان مۇھىم بىر قەدەم، مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر تارىخىي تەرەققىيات، ئەمما بۇ تېخى ئىشنىڭ ئەمدى باشلىنىشى».

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر قانۇن ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈلمەيدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي بۇ ماللىرىنى ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرگۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا بۇ دۆلەتلەرمۇ بىر تەرەپتىن ئامېرىكانىڭ قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن تەمىنلەش زەنجىرىنى خىتايغىلا باغلىۋالماسلىقى كېرەك ئىكەن.

جەۋھەم ئىلھام ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يازغان: «مەن ياشاۋاتقان بۇ دۆلەتتە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەيدىغان قانۇننىڭ مەيدانغا كېلىشى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر ئىش. شۇنداقتىمۇ بىز دۇنيادىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن كېلىدىغان مەنپەئەتلەرنى رەت قىلىشىغا، ھەر بىر شىركەتنىڭ بۇ قىلمىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئوبدان ئويلىشىغا ۋە خىتاي ماللىرىنى تەمىنلەش لىنىيەسىدىن چىقىرىپ تاشلىشىغا مۇھتاج».