جەۋھەر يېڭى خىزمەت ئورنىغا ئاتلاندى

يىللاردىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ دەۋاسىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇنىڭ قىزى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام يېقىندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» غا رەسمىي خىزمەتكە چۈشتى.

مەزكۇر فوند جەمئىيەتنىڭ تور بېتىدە 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى ئاۋازلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان جەۋھەر 2013-يىلىدىن بۇيانقى دەۋاگەرلىك، ئوقۇش ۋە خىزمەت تەجرىبىلىرى ئاساسىدا كۆپ قېتىملاپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. جۈملىدىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش، كۆپلىگەن دۇنياۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا دادىسىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەمدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە سۆز قىلغان.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى مارىئون سىمىت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «فوند جەمئىيىتىمىز جەۋھەر ئىلھامنى قارشى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا قارىتا دۇنيا تېخى يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىغان ئەھۋالدا ئۇ ھالدا دادىسىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمدە كوممۇنىزمنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ» دېدى.