جاڭ چۈنشەن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان يىغىندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقنى يەنە تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.11.17


16 - نويابىر كۈنى سېرقبۇيا ساقچىخانىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن كۈنىدە خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ 8 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ، 6 - قېتىملىق كېڭەيتىلگەن يىغىنى چاقىرىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى، سىياسىي، ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى يېقىندا بېيجىڭدا چاقىرىلغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى قوغداش، يىغىننىڭ مۇھىم تېمىسى بولغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا تۆرىدىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يىغىندا سۆز قىلغان ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا تۈرلۈك ساھەلەردىكى ئەھۋالى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا «تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش»نى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ،« شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە ئالاھىدە، پەقەت ئومۇمىي يۈزلۈك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا ھەر خىل زىددىيەت ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن تەرەققىيات يولىنى تېپىش مۇمكىن» دېگەن.

جاڭ چۈنشەن تەكىتلىگەن ئىسلاھاتنىڭ خاراكتېرى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن بولۇپ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ سىياسىي ئىسلاھات، يەنى دېموكراتىك ئىسلاھات بولۇشى ناتايىن.

ئۇ سۆزىدە يەنە «مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت پەقەت ئومۇمىي يۈزلۈك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشلا ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنىڭ بىردىن - چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى» دەپ تەكىتلىگەن.

5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، ئارقىمۇ - ئارقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بىر مەزگىل ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقان جاڭ چۈنشەن سۆزىدە يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنىڭ بۇ رايوندىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي شەرتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى» دەپ تەسۋىرلىگەن.

ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مەزكۇر يىغىنغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق مۇھىم رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشقان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئېتنىك توقۇنۇشلار ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نارازىلىق مەسىلىلىرى ۋە باشقىلارنىڭ كونكرېت مۇھاكىمە قىلىنغان ياكى قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.

خىتاي تىلىدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىدە 28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈزبەرگەدىن كېيىن سىياسىي بيۇرو يىغىنى ئېچىلىپ، جاڭ چۈنشەننىڭ بېيجىڭغا چاقىرتىلىپ، تەنقىد قىلىنغانلىقى ھەمدە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار مەيدانغا چىققان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.