جياڭسۇ يۈز بەرگەن قارا قۇيۇن ئاپىتىدە 100 گە يېقىن ئادەم ئۆلگەن

خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن قارا قۇيۇن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى جۈمە كۈنىگە كەلگەندە 98 گە يەتكەن، 800 ئەتراپىدا ئادەم يارىلانغان.

BBC نىڭ 24 - ئىيۇندىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئۆلۈم يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسەن يەنچى شەھىرىدە كۆرۈلگەن.

قارا قۇيۇن پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 دە يەنچى شەھىرىنىڭ فۇنىڭ ۋە شېياڭ ناھىيىلىرىگە تېگىش قىلغان، ئاپەت ئەھۋالى ناھىيەلەرنىڭ چېتىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا بىر قەدەر ئېغىر بولغان.

قارا قۇيۇن بىلەن بىللە كەلگەن مۆلدۈر بىر قىسىم بىنالارنىڭ پۈتۈنلەن ۋەيران بولۇپ كېتىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان. ئاپەتتە ماشىنىلار دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن بولسا كوچا چىراغلىرىنىڭ تۈۋرۈكلىرى يېرىمىدىن ئۈزۈلۈپ كەتكەن، تېلېفون ئالاقىسى دەخلىگە ئۇچرىغان، كۆپلىگەن، بىنا، ئۆي ۋە دۇكان - سارايلار ۋەيران بولۇپ كەتكەن.

بۇ خىلدىكى قارا قۇيۇن ئاپەتلىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆلكىلىرىدە ھەر يىلى يازدا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، ئۆلۈم - يېتىم ھادىسلىرى بۇ يىلقىدەك ئېغىر بولمىغان ئىدى.