ئەنگىلىيە BBC تاراتقۇسى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەردىكى جىنسىي خورلۇق جىنايەتلىرىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خىتايغا قارشى پالامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكى 2-فېۋرال بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا بۇ خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ جىنايەتنى قەتئىي تەكشۈرۈشكە چاقىردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى بەدىلىگە جەسۇرلۇق بىلەن ئىسپات بەرگەن شۇ گۇۋاھچىلارغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ھەمدە ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قەبىھ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارغا ھېسسىداشلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ھازىر قۇرۇق گەپ قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس. بىز چوقۇم كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز ۋە بۇ قەبىھ جىنايەتنى توختىتىشىمىز كېرەك. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا قانۇن ئورگانلىرىنى خىتايدىكى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر قايسى دۆلەتلەر ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى› دا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، بۇ جىنسىي خورلۇق جىنايىتىگە قارشى بىرلىكتە سىياسىي ھەرىكەت قوزغىشى كېرەك.»