ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋەزىپىدە ئولتۇرۇپ 100 كۈندىن كېيىنكى تۇنجى نۇتۇقىدا تىغ ئۇچىنى خىتايغا قاراتتى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 100 كۈن توشقاندىن كېيىن ئامېرىكا خەلقىگە قىلغان تۇنجى قېتىملىق نۇتۇقىدا تىغ ئۇچىنى خىتايغا قاراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەر بىزگە يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، بىز كەلگۈسىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىمىز كېرەك.»

پرېزىدېنت جوۋ بايدېن 28-ئاپرىل كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى خىتايغا قاراتقان بولۇپ، ئۇ خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتنى ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تاشقى سىياسەت خىرىسى، دەپ قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكانىڭ ھىندى-تېنچ ئوكياندىكى كۈچلۈك ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋەدە بەردى ھەمدە تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىل بولمىغان سودا ئادەتلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بايدېن ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى بېيجىڭغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم قىلىدىغان، سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىدىغان ۋە ئامېرىكانىڭ يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي بىلەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رىقابەتلىشىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ئىمكانىيەت يارىتىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشقا چاقىرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ 28-ئاپرىل كۈنىدىكى نۇتۇقىدىمۇ بۇنى تىلغا ئالدى.

ئۇ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «ھاكىممۇتلەقلەر دېموكراتىك دۆلەتلەر 21-ئەسىردە بىز بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتۇ. . . . ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك توغرىسىدىكى ۋە ئىتتىپاقداشلىقىمىز ھەققىدىكى ۋەدىسىدىن يانمايدۇ.»

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئامېرىكا خەلقىگە قىلغان تۇنجى نۇتۇقىدا ئاساسىي سالماقنى خىتاي تەھدىتىگە قارىتىشى ئامېرىكادا دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئوخشاشلا خىتايغا قاتتىق قول پوزىتسىيە تۇتۇش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى، دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بولسا 29-ئاپرىل كۈنى بايدېننىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بىز رىقابەتنى قارشى ئالىمىز. ئەمما بۇ رىقابەت بولۇشى كېرەككى، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان دۇئېل بولماسلىقى كېرەك. باشقا دۆلەتلەرنى دېموكراتىك تۈزۈمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش. . . پەقەت بۆلۈنۈش پەيدا قىلىدۇ، مۇقىملىقنى بۇزىدۇ،» دېگەن.