خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىق 7 كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىيگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ زىيارىتىدە خىتاينىڭ ئۆكتىچىلەرگە قوپال مۇئامىلە قىلىش ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان.
مەكتۇپتا، كونكرېت كىشىلىك ھوقۇق دېلولىرى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ سىياسىي تەنقىدچىلەرنى، دىنىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىبەت، ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقى، ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنى، پىكىر ۋە تور ئەركىنلىكىنى چەكلەشنى كۈچەيتكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
مەكتۇپتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئىقتىسادىي پۇرسەت، ئۇنىڭ شىمالىي كورىيە، ئىران ۋە باشقا خەلقئارا مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقىنى، دەپ كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن ۋە ئامېرىكا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلارنىڭ بۇ ساھەلەردە ھەقىقىي ياخشىلىنىش ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەكتۇپتا مۇنداق دېگەن: خىتاي دائىرىلىرى كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىدىكى بوشاشقا دىققەت قىلدى ۋە ئۇنى ئاجىزلىق، دەپ چۈشەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدا ئېغىش بولدى دەيدىغان تۇيغۇسى ۋە ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى پرىنسىپ ئەمەس، بەلكى پەقەت بىر سىياسەت دېگەن ئىشەنچلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇۋالدى.
جون كەرىي 13-14-ئاپرېل خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. خىتاي زىيارىتى ئۇنىڭ شەرقىي ئاسىيا سەپىرىنىڭ مۇھىم بېكىتى. ئۇ، جۈمە كۈنى جەنۇبىي كورىيەنى زىيارەت قىلدى.