جون كەرىي بېيجىڭدا: «خەلقىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى شىمالىي كورىيە تەھدىتىدىن قوغداش ئۈچۈن ھەرقانداق يولنى قوللىنىمىز» دېدى

چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا داۋام قىلغان ئامېرىكا-خىتاي ئالىي رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا ئىككى تەرەپ شىمالىي كورېيەنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئۆز -ئارا ھەمكارلىشىشقا كېلىشكەن، ئەمما، شىمالىي كورېيەنى قانداق جازالاش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى بولمىغان.

ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەرىي، ئامېرىكىنىڭ ئۆز خەلقى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى شىمالىي كورېيە تەھدىتىدىن قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغان ھەرقانداق قەدەمنى باسىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدىكى ب د ت نىڭ يېڭى قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى، قوللىنىشقا تېگىشلىك جازالارنى مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ھەرقانداق بىر خەلقئارا جازانىڭ مەۋجۇت ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ قويماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

نۆۋەتتە يادرو قوراللىرى تېخى قولىدا بولمىغان ئىرانغا قوللىنىلىۋاتقان جازاغا قارىغاندا، تەھدىتى ئاشكارا داۋام قىلىۋاتقان شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان جازانىڭ ئاز بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان جون كەرىي: «بۇ يەردە تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقىنى ئامېرىكا، شۇڭا ئىشقا ئالاھىدە جىددىي قارىلىشى كېرەك» دېگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئەمما زۆرۈر تېپىلسا ھەرقانداق بىر تاللاشنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.