خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا جۇ يۈڭكاڭغا چېتىشلىق يېڭى جىنايى پاكىتلار ئاشكارىلاندى

خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۈڭكاڭنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن بۇيان، جۇ يۈڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە جەمەتى، يېقىنلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر ئاشكارىلانماقتا.

مىڭجىن تور گېزىتى، تەيۋەندە چىقىدىغان مەركىزى خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى، خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئالما گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئۆزى يالغۇز خىيانەت قىلغان پۇل سوممىسىنىڭ 100 مىليارد سومغا يېتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ كىچىك ئاپىسى ۋە ھازىرقى ئايالى كونترول قىلغان خىتاي نېفىت ساھەسىدىن جۇ جەمەتى توپلىغان بايلىقنىڭ ھېسابى يوقلۇقى ئېلان قىلىنىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى جۇ يۈڭكاڭغا جىنايى جازا بېكىتسە، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئايالىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئىككى قېتىم قەست قىلىشقا ئۇرۇنۇش، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندىمۇ، پەقەت پارىخورلۇق قىلمىشى ئۈچۈنلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئۆتكەن ھەپتە قولغا ئېلىنغان خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى دۇڭشېڭنىڭمۇ جۇ يۈڭكاڭغا پارا بەرگىنى ئۈچۈن ھازىرقى ئەمىلىگە ئېرىشكەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا 24-دېكابىرغا قەدەر جۇ يۈڭكاڭنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى خەۋەرلىرىدە، 2013-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ خىتاي نېفىت ساھەسىدىكى 4 چوڭ ئەمەلدار ۋە ئىلگىرى جۇ يۈڭكاڭ ئائىلىسىنىڭ يېقىنى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ياكى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.