ياۋرو-ئاسىيا تورى: «ئۇيغۇر رايونىدا جۈمە نامىزى ئەمەلدىن قالغان»

ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست جېننىفېر بالفورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا جۈمە نامىزى ۋە جۈمە كۈنلۈك بايرام تەنتەنىسى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالغان.

جېننىفېر بالفور ئۆزىنىڭ 16‏-نويابىر كۈنى «ياۋرو-ئاسىيا تورى» دا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىن يوللىنىش: جۈمە نامىزى ئەمەلدىن قالدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدا، نۆۋەتتە مەزكۇر رايوندا بۇرۇنقىدەك جۈمە نامىزى ئوقۇلمايدىغانلىقى، ھېچكىمنىڭ جۈمە تەنتەنىسى قىلىشقا ياكى مەسچىتكە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جېننىفېر بالفورنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر رايوندا بۇرۇنقىدەك چوڭلار ۋە بالىلار ھەر جۈمە كۈنى سائەت 12:30 دە جاينامازنى قولتۇقىغا قىسىپ ئەتراپتىكى مەسچىتكە ئالدىرايدىغان ئەھۋال پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقان.

ئۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 2016‏-يىلى 8‏-ئايدا چېن چۈەنگونى مەزكۇر رايونغا يۆتكەپ ئاپارغاندىن باشلاپ، مەسچىتلەرنىڭ تاقىلىشقا، ئاتالمىش ئېتىقادچى ئاممىنى «قوغدايدىغان» رىشاتكا، سىم توساقلارنىڭ پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقى، ئاۋاز ۋە يۈز تونۇش يۇمتاللىرىنىڭ جۈمە كۈنلىرىدىكى دىنىي كەيپىياتنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، چېن چۈەنگو ھوقۇق تۇتۇشتىن بۇرۇن دائىرىلەر مەسچىتلەرنى قاتتىق كونترول قىلسىمۇ، لېكىن بالىلار يەنىلا تەكشۈرۈشلەردىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈپ جۈمە نامىزىغا قاتنىشىشقا مۇۋەپپەق بولالايدىكەن. لېكىن چېن چۈەنگودىن باشلاپ بۇ ئەھۋال ئاخىرلاشقان.

بۇرۇنقىدەك كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»، دەپ كۆرىشىدىغان، ئاللاھنى ياد ئالىدىغان، ئاياللار نىقاب، ھىجاپ ياكى ياغلىق ئارتىدىغان ئەھۋاللار غايىپ بولغان.

ئاپتور يەنە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، چېن چۈەنگو يۆتكىلىپ كەلگەن دەسلەپكى 3 ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە 5 مىڭدەك مەسچىتنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى، لېكىن خىتاينىڭ ئەنگىليەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭنىڭ «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جېننىفېر بالفور ماقالىسىدە، ليۇ شاۋمىڭنىڭ خاتا سۆزلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مەسچىتلەرنىڭ پۈتكۈل رايوندا پەقەت كۆرسەتمىلىك ئۈچۈن ساقلاپ قېلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ «ئىبادەت ئورۇنلىرىنىڭ باغچا، زاۋۇت، ئولتۇراق بىنا ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى» نى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىدەك مەشھۇر بىر مەسچىتمۇ ئىبادەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن تاقالغان.

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «مەسچىتكە بېرىشقا ياكى بۇ ھەقتە سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك. ھېچكىم خۇدانىڭ ئىسمىنى ئاشكارە تىلغا ئېلىشقا پېتىنالمايدۇ».