جۇ خەيلۇننىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن خىتايپەرەس ئىمام جۈمە تاھىرنىڭ ئائىلىسىنى يوقلىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي تاراتقۇلىرى 27-ئىيۇندىكى خەۋەرلىرىدە، بۇ يىللىق روزا ھېيت مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى جۇ خەيلۇننىڭ قەشقەر ھېيتگاھ جامىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئىمامى جۈمە تاھىر ئائىلىسىنى ئالاھىدە يوقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىگە ئىمام قىلىپ تەيىنلەنگەن جۈمە تاھىر 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقى سەۋەبىدىن قوزغالغان قارشىلىق ۋەقەلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلاپ، ئۇيغۇرلارنى قارىلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «خىتايپەرەس ئىمام» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن دىنىي ئۆلىما.

ئۇ 2014-يىلى 30-ئىيۇل روزا ھېيت نامىزىدىن قايتقىنىدا، قەشقەر ھېيتگاھ جامىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جۈمە تاھىرنى «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ئۆلىما» دەپ مەدھىيلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى جۈمە تاھىرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى باستۇرۇلۇۋاتقان ۋەزىيەتكە كۆز يۇمغان، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولۇپ، مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قارىلىغان «مىللىي مۇناپىق» دەپ تەرىپلەپ كەلمەكتە.