نويابىر كىرىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ يىللىق «جۇمھۇرىيەت بايرىمى» نى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشكە جىددىي تەييارلىق قىلماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر خىل ئۇسۇللاردا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى «جۇمھۇرىيەت بايرىمى» نى تەبرىكلەيدىكەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 2017-يىللىق جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرىلەش ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلگەن: «20-ئەسىردە ۋەتىنىمىزدە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆر ۋە ئەركىن ھاياتتا ياشاش شۇنداقلا مۇستەقىل مىللىي دۆلەت بەرپا قىلىش يولىدىكى تەۋرەنمەس مىللىي ئىرادىسىنىڭ يىمىرىلمەس تارىخىي دەلىلىدۇر. مانا شۇندىن بۇيان 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.»
مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 2017-يىللىق «جۇمھۇرىيەت بايرىمى» نى يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇش، سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەردە تەبرىكلەيدىكەن.
12-نويابىردىكى «جۇمھۇرىيەت بايرىمى» كۈنىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ميۇنخېندىكى باش شتابىدا «6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى» ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى تۇرغۇزىدىكەن. يەنە مۇشۇ كۈندە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بويىچە تۈركىيەدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.