12-نويابىر كۈنى كەچتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سوزى (Tom Suozzi) قاتارلىق مۇھىم ئەربابلار قاتنىشىپ سۆز قىلدى. جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىت سەپەر ئۈستىدە بولۇپ قېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر پائالىيەتكە ئاتاپ مەخسۇس تەبرىك سۆزى يوللىدى. بۇ پائالىيەتكە يەنە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان، ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەر ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن ئامېرىكانىڭ دۆلەت مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى ئورۇندالدى. ئامېرىكا ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى ياڭرىغاندا، بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە باشقا مۇھىم شەخسلەر ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ھۆرمەت بىلەن سۈكۈتتە تۇردى.
ئارقىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم بىلەن توم سوزى سۆزگە چىقىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا بېرىدىغان ئىلھام ۋە جاسارىتىنى تىلغا ئالدى. ئۇلار، ئامېرىكانىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نەنسى پېلوسى خانىم سۆزىدە، يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق زۇلمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ 2019-يىل پىرېزىدېنت ترامپ بىرىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ياپونىيەدە ئېچىلىدىغان «20G دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» غا بېرىشىدىن ئاۋۋال ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە چوقۇم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى تاپىلىغان. دونالد ترامپ بۇنىڭغا ماقۇللۇق بىلدۈرگەن ھەمدە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنى نېمىشقا لاگېرلارغا سولاپ، قەبىھ مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى سورىغان. شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا رازى ۋە خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ياپونىيەدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇلارنى نەنسى پېلوسىغا خانىمغا ئەينەن يەتكۈزگەن.

نەنسى پېلوسى خانىم يەتكۈزگەن بۇ ئۇچۇر، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ، لاگېرلارنى «تەربىيەلەش مەركىزى»، مەجبۇرىي ئەمگەكنى «ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دەپ پەردازلاپ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى «بەختلىك ياشاۋاتقان كىشىلەر» قىلىپ كۆرسىتىش تەشۋىقاتى بىلەن ماس كەلمەكتە.
پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپىسى ئاياغلىشىش ئالدىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان بولۇپ، بايدىن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىمۇ ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى مەيلى قايسى پارتىيەدىن بولسۇن، بۇ قارارنى قوللاپ كەلدى. 12-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدىمۇ ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى نامايان قىلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلىدى ھەمدە ئامېرىكانىڭ ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.