خىتاينىڭ «شىنجاڭ مۇزېيى» غا قويۇلغان خىتاي يېزىقىدىكى تارىخى ھۆججەتلەر رايون خەلقىنىڭ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېتىراپ قىلغانلىقى» نى كۆرسىتىدىكەن

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «شىنجاڭ مۇزېيى» يېقىندا «خىتاي تارىخى خاتىرىلىرى-شىنجاڭدا قېزىۋېلىنغان ھۆججەتلەر كۆرگەزمىسى» مەخسۇس كۆرگەزمە تەسىسى قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان 150 پارچە «تارىخىي ھۆججەت» نى قويغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، كۆرگەزمىگە قويۇلغان تارىخىي ھۆججەتلەر «نەچچە مىڭ يىلغا سوزۇلغان قىممەتلىك ھۆججەت بولۇپلا قالماي، يەنە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكى» نى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «خىتاي تارىخى خاتىرىلىرى-شىنجاڭدا قېزىۋېلىنغان ھۆججەتلەر كۆرگەزمىسى» ناملىق بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان ھۆججەتلەر قەغەز پۈتۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، 150 پارچە ھۆججەتتىن تەشكىل تاپقان ئىكەن.

«شىنجاڭ مۇزېيى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ جىيوڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن قېزىۋېلىنغان ھۆججەتلەر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مەزمۇنى خىتاينىڭ خەن، تاڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سىيام ھەربىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، مىللەتلەر ۋە دىنىي ساھەلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر ‍ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى كۆپ مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ «تارىخىي ھۆججەتلەر» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنى تارىخىنى قايتا شەرھلىگەن، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان تارىخىي ئىزلارنى يوقىتىشقا كىرىشكەن بىر ۋاقىتتا كۆرگەزمە قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى. بۇ «تارىخىي ھۆججەتلەر» كۆرگەزمىسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى قايتا شەرھىلەش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارالماقتا.

بۇ كۆرگەزمىگە دائىر خەۋەرنىڭ ھەممىدىن بەك دىققەت قوزغىغان نۇقتىسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى چېن لىڭنىڭ سۆزى بولدى. ‍ئۇنىڭ قارىشىچە، «خىتاي يېزىقى ھازىرغا قەدەر شىنجاڭدا تېپىلغان ئەڭ قەدىمىي يېزىق» ئىكەن. ئۇ «چېگرا رايون مىللەتلىرىنىڭ خىتاي يېزىقىنى ئىشلىتىشى، نېگىزلىك جەھەتتىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. چېن لىڭنىڭ بۇ سۆزلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى ئېتىراپ قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى شەكىللەندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا قىلىشى دىققەت قوزغىدى.