خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى ناھىيەلەردە «جۇڭخۇا مەدەنىيەت بازىسى» قۇرۇشنى باشلىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-05-19
Share

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھەر جايدا ئومۇملاشتۇرۇش» پىلانى بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بەزى ناھىيەلەردە قويۇق خىتاي مەدەنىيىتى تۈسىنى ئالغان «جۇڭخۇا مەدەنىيەت بازىسى» قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 600 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، قاراشەھەر ناھىيەسىدە «قەدىمىي يولدىكى رىۋايەت» تېمىسىدا «غەربكە ساياھەت بازىرى» قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 300 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 200 مىڭ كۇۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. قۇرۇلۇش مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ بازارغا تەقلىدىي شەكىلدىكى قەدىمىي قۇرۇلۇشلار، مۇزېيلار ۋە يەنە كۆپلىگەن تەربىيەلەش ئورۇنلىرى سېلىنىپ، «جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى» تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرى «ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى سەيناسى كۆرگەزمە ئورنى» 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋېۋىسكا ئېسىپ ئىش باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتىنىڭ سېكرىتارى خو خەنمىن ئۆزى بىۋاسىتە كېلىپ، ناھىيەلىك پارتكوم سېكرىتارى بىلەن بىرلىكتە ۋېۋىسكا ئاسقان ھەمدە بۇ ئورۇننى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئارقىلىق شىنجاڭنى ياشارتىش قۇرۇلۇشى» نىڭ يەنە بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلغان. بۇ كۆرگەزمە ئورنىدا خىتاي مەدەنىيىتىگە ئائىت خەتتاتلىق، رەسىم كۆرگەزمىسى، مۇزىكا، تىياتىر، چايچىلىق، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارلىق كۆپلىگەن «جۇڭخۇا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى» ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 20 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سۇسلاشتۇرۇشتىن ئۇنى يوق قىلىشقا ئۆتكەن بولۇپ، قەدىمىي كوچىلار، بىنالار، مەسچىتلەرنى چېقىپ ۋەيران قىلغان؛ ئالىملار، سەنئەتكارلار، ھۈنەرۋەنلەر، ئومۇمەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى جانلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان سەرخىللارنى نابۇت قىلغان؛ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بوشلۇقنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» ئارقىلىق تولدۇرۇشقا ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ئېڭىنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ مەدەنىيەت ھۇجۇمى داۋاملاشقان مۇددەتچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خاراپلىشىش ۋە ئۇنتۇلۇش خەۋپى كۈچىيىدىكەن، شۇڭا دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇش ئىشىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەك ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت