خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 2021-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ئورگانلىرى 4556 ئادەمنى جازالىغان.
ئۇنىڭدا ئېيتىشىلىچە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش دائىرىلىرى 11 مىڭ 634 ئەرز ۋە دوكلات تاپشۇرۇۋالغان، 6871 دېلو تۇرغۇزۇلغان، 4556 ئادەم جازاغا ئۇچرىغان. بۇلار ئىچىدە باشقارما ۋە ئىدارە دەرىجىلىك كادىر 21 نەپەر، ناھىيە ۋە تارماق دەرىجىلىك كادىر 124 نەپەر، يېزا-بازار دەرىجىلىك كادىر 658 نەپەر، ئاساسلىق مەسئۇل كادىر 419 نەپەر، يېزا-بازار ۋە كارخانىلاردىكى خادىملاردىن 3334 نەپەر بار ئىكەن.
بۇنىڭدىن سرت يەنە ئۇيغۇر رايوندا 2021-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرى «تۆت خىل شەكىل» ئارقىلىق 16226 ئادەمنى تەنقىدلىگەن ۋە تەربىيەلىگەن.
يۇقىرىقى بۇ خەۋەردە جازالانغان كادىر-ئەمەلدارلارنىڭ مىللەت تەركىبى ئېنىق دېيىلمىگەن، بىراق يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاراتقۇلاردا كۆپلەپ ئېلان قىلىنىۋاتقان «مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك روھىغا خىلاپلىق قىلىش» بويىچە جازالىنىپ ئىسىملىرى ئاشكارىلانغان ئەمەلدار-كادىرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن بۇ ئەمەلدارلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن ئىكەن.
چەت ئەللەردىكى كۆزەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن قاتتىق تەنقىد ۋە بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكتىن، رايوندىكى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، كادىر-ئەمەلدارلارنىڭ يۈرىكىنى قىسىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.