ئۇيغۇر ئېلىدا «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى يەنىمۇ قاتتىق ئېلىپ بېرىلماقچى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 5-ئاينىڭ 23-كۈنى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى كادىرلارنى نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. يىغىندا ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى لو دۇڭچۈەن سۆز قىلىپ، كادىرلارنى تەكشۈرگەندە «باش نىشاننى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك»، «ئاممىۋى خىزمەتنى كۈچەيتمەسلىك»، «كادىرلارنىڭ ئىستىلى ياخشى بولماسلىق»، «دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش قاتتىق بولماسلىق» دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
«ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان ئەڭ قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرى خوتەندىكى بىر نەپەر يېزا كادىرىنىڭ مويسىپىتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشتىن ئەيمەنگەنلىكى ئۈچۈن «سىياسىي مەيدانى ئېنىق ئەمەس» دەپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ۋە بۇ ۋەقە خەلقئارادا بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. ھازىرغىچە قەشقەر ۋە خوتەندە نۇرغۇن كادىرلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «پارتىيە بىلەن ئىستىلدا بىردەك بولماسلىق»، «ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىش» دېگەن سەۋەبلەر بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، پەقەت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىلا بىر تەرەپ قىلىنغان كادىرلارنىڭ سانى 645 نەپەردىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.