10-ئۆكتەبىر كۈنى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىىنىڭ كانادادىكى سابىق ئىختىيارىي مۇخبىرى، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇھەررىرى كامىل تۇرسۇن ئەپەندى كېسەللىك تۈپەيلىدىن ۋاپات بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنىڭ كۆپلىگەن دوستلىرى ۋە تونۇش-بىلىشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىزگۈ تىلەكلىرىنى، شۇنداقلا ھەسرەت ۋە ئۆكۈنۈشلىرىنى ئىپادىلەپ مەرھۇمنىڭ روھىنى شادلاندۇردى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇم كامىل تۇرسۇن 1980-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ ئەدەبىي ژۇرناللاردىن بولغان «تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە بىر قىسىم نادىر ئەسەرلەرنىڭ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. كېيىنچە ۋەتەندىكى تەقىب ۋە زۇلۇملار تۈپەيلىدىن تۈركىيەگە چىقىپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان. كېيىنچە كاناداغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىپ قالغان. شۇنىڭدىن بۇيان مەرھۇم كامىل تۇرسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قولىدىن كېلىشىچە ھەسسە قوشقان. 2010-يىللىرىدىن تارتىپ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۈچۈن بىر قانچى يىللار ئىختىيارى مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ۋە ژۇرنالىستلىق قابىلىيتىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيسىغا خاس بىر قاتار ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.
مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ سېغىنىش تۇيغۇلىرىنى ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئىپادىلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «مەرھۇم كامىل تۇرسۇن ئەپەندىم ھەقىقەتەنمۇ پۈتۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك ۋەتەنسۆيەر، ئالىيجاناب، پىداكار ۋە جەسۇر شەخسلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى مىللىتىمىز ئۈچۈن بىر زور يوقىتىش بولدى» دېدى.