ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى كامىلە ۋاھىتنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) نىڭ رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كامىلە ۋاھىتنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 24-نويابىر پاجىئەلىك ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۈرۈمچىدىكى ئوت پاجىئەسى سەۋەبىدىن قوزغالغان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، بۇ ھەرىكەتتە ئۆز پىكرىنى بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان كامىلە ۋاھىت ۋە باشقىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

2022-يىلى 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئاھالىلەر بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى دەل ئۈرۈمچىدە چېكىدىن ئاشقان كوۋىد قامىلى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى. ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يۇقۇم قامىلى سەۋەبلىك ئاپەت يۈز بەرگەن بىنانىڭ چىقىش ئىشىكىنىڭ قۇلۇپلاقلىق بولۇشى ئاھالىلەرنىڭ بىناغا سولىنىپ قېلىپ، ئاز دېگەندە 44 ئادەمنىڭ پاجىئەلىك ھالدا ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ ۋەقە دەسلەپتە ئۈرۈمچىدە ۋە كېيىن خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىگە قارشى «ئاق قەغەز» ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشنىڭ قوزغىلىشىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

ئەينى چاغدا خېنەندىكى شاڭچيۇ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان كامىلە ۋاھىت خىتايدىكى بىر ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا بۇ تىنچ نامايىشلارنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈن شۇ يىلى 12-دېكابىر قولغا ئېلىنىپ، ‹ئاشقۇنلۇقنى تەرغىب قىلىش› جىنايىتى بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.