ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كان بايلىقلىرىنىڭ قىدىرىش ۋە ئېچىش ھوقۇقىنى داۋاملىق تۈردە خىتاي شىركەتلىرىگە ساتماقتىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 2023-يىلى كىرگەندىن بېرى تۇنجى تۈركۈمدە 18 كان بايلىقىنىڭ قىدىرىش ۋە ئېچىش ھوقۇقىنى ساتقان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 20-مارت بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ كان بايلىقلىرىنىڭ بىرى بولغان كورلا شەھىرىدىكى تاشدەڭ كان رايونىنىڭ بىرلەشمە كۆمۈر كېنى قاتارلىق كانلىرىدا قىدىرش ۋە چارلاش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يېرىم قوراللىق، يېرىم ئىشلەپچىقىرىش گەۋدىسى بولغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ تاشدەڭ بىرلەشمە كانچىلىق چەكلىك شىركىتىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ھىندىستان چېگراسىدىكى ئاقسايچىنغا جايلاشقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سېنك كانلىرىنىڭ بىرىدە قىدىرىش، چارلاش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىنىمۇ خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ كانچىلىق ساھەسى رىقابەت خاراكتېرلىك ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ئۆتكەن بولۇپ، قىممەت باھالىق مېنىرال، رادىياكتىپلىق ماددىلارنى قېدىرىش ۋە چارلاش، شۇنداقلا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى كېلىشىم بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىكەن.
ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم قىممەتلىك مېنېرال ماددىلار بازىسى بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرى بۇ خىل قىممەتلىك ماددىلاردا خىتايغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر رايونىدىكى كان بايلىقلىرىنى قىدىرىشنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتۈنۈپ بېرىلىشى دىققەت قوزغىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم قىدىرىش ۋە چارلاش ئېلىپ بېرىپ، ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن قىممەت باھالىق مېنېرال ماددىلار كۆمۈر، ئالتۇن، قوغۇشۇن-سېنك، مانگان، نىكېل، تۆمۈر ۋە مىس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ بايلىقلار ئۈرۈمچى، كورلا، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قومۇل، ئالتاي، سانجى، بورتالا، ئىلى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان ئىكەن.