غۇلجا ناھىيەسىدە بىر ئالتۇن كان ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئىشچىلاردىن بولغان 18 نەپەر كىشى كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 28-دېكابىر كۈنىدىكى ھۆكۈمەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش» ھەققىدە سۆز قىلغان.
ھالبۇكى، ئۇ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە غۇلجادىكى ئالتۇن كانى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان 18 ئىشچىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان.
خىتاي ئاخباراتلىرى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزىسىغا جايلاشقان «غەربىي دىيار ئالتۇن كان ئىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نىڭ يەر ئاستى كانىدا 24-دىكابىر كۈنى كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە 18 نەپەر ئىشچىنىڭ كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە بىر مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، رادىيومىز مۇخبىرى غۇلجادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلىفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئۇچۇرىدا، كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان 18 نەپەر ئىشچىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن 5 كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ ئىشچىلارنىڭ تېخىچە قۇتۇلدۇرۇلالمىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا ناھىيەسىدە كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، كان ئاستىدا جەمئي 40 كىشى بار بولۇپ، بۇلاردىن 22 نەپىرى شۇ كۈنى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ئەمما قالغان 18 نەپىرى كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان. خىتاي تاراتقۇلىرى ھازىرغىچە بۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكى، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىدى.