كانادا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى قوللىشى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغان

كانادا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ 2021-يىلىدىكى سايلامدا، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلىشى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. كانادا CBC قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇۋاھچىلار كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ 2021-يىلى سايلامدا، ئەگەر ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەت قۇرسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋەدە قىلىشى، خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كانادا چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر گۇۋاھلىق بېرىپ، بۇ پارتىيەنىڭ يۇقىرىقى ۋەدىسى ئۇنىڭ 2021-يىلىدىكى سايلامدا خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. CBC نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، گۇۋاھلىق يىغىنىدا كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ئىشتا قاتتىق تەلۋىلىكى تۇتۇپ»، «كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىگە قارشى ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى.»

مەمەت توختىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇنىڭ تەشكىلاتى 2021-يىلدىكى سايلامدا سىياسىي پارتىيەلەرگە بىر قاتار تەلەپلەرنى سۇنغان بولۇپ، ئۇلاردىن كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئۇلارغا بەزى ۋەدىلەرنى بەرگەنىكەن. خەۋەردە، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت قۇرسا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشنى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىلىدىكى سايلامدا باش مىنىستىر ترۇدونىڭ لىبېراللار پارتىيەسى پارلامېنتتا ئەڭ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك سانغا ئېرىشەلمىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ كانادا يېڭى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قوللىشىدا ئاز سانلىقلارنىڭ ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلغان. لېكىن كانادا بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ كانادادىكى 2016- ۋە 2021-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق سايلامغا خىتاينىڭ قول تىققانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتى كانادانىڭ بۇ يىل 1-ئايدا تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى تەكشۈرۈشىگە سەۋەب بولغان. تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۇنجى گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەنىدى.