ئېفىيوپىيەدىكى ئوگېدان مۇستەقىلچىلىرى كانادا نېفىت شىركىتىنى ئاگاھلاندۇردى

ئېفىيوپىيەدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان ئوگېدان ئازادلىق تەشكىلاتى بۈگۈن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا نېفىت شىركىتىنى ئېفىيوپىيەدىكى تىجارەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

تەشكىلات باياناتىدا، ئېفىيوپىيەنىڭ تىنچ بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ ئوگېدانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى تېخىچە جاۋابسىز قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر مەزكۇر شىركەت ئېفىيوپىيەدىكى تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۆزلىرىنى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئىچىگە ئاتقانلا بولماستىن، يەنە، ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوگېدانلىقلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىغا شېرىكلەشكەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئېفىيوپىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان ئوگېدان رايونىدىكى خەلقلەر دىن ۋە ئېتنىك جەھەتتىن سومالىلىقلار بىلەن بىردەك بولۇپ، ئۇلار ئېفىيوپىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.

ئوگېدان ئازادلىق تەشكىلاتى 1984-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئېفىيوپىيە دۆلەت ئارمىيىسى ۋە رايوندىكى چەتئەل زاۋۇت-شىركەتلىرىگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ ئۆتكەن يىلقى بىر قېتىملىق ھۇجۇمىدا رايوندىكى خىتاي نېفىت شىركىتى زەربىگە ئۇچراپ بىرقانچە كىشى ئۆلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتى بولسا، ئېفىيوپىيە ۋەزىيىتىنىڭ تىنچ ۋە مۇقىملىقىنى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بولسا ئاز ساندىكى تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئېفىيوپىيەدىكى چەتئەللىكلەرنى ئۆز بىخەتەرلىكىدىن خاتىرجەم بولۇشقا چاقىرغان.