كانادانىڭ لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى 30-يانۋار ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تېزلىتىشكە چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.01.30

كانادا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى 30-يانۋار كۈنى كانادا لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرىنىڭ كاناداغا 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىنى قوبۇل قىلىش قارار لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ 1-فېۋرال كۈنى ئاۋازغا قويۇلىدىغان مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ پارلامېنتتا ئاخىرىقى قېتىم مۇنازىرە قىلىنىشىدۇر. يىغىندا باش مىنىستىر ترۇدونىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى كانادا لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى سۆز ئېلىپ، ھەر قايسى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئ‍ەزالىرىنى ۋە ھۆكۈمەتنى بۇ قارار لايىھەسىگە قوللاپ ئاۋاز بېرىشكە، ھۆكۈمەتنى چەت ئەللەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەن 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىنى تېزراق كاناداغا ئېلىپ كېلىشكە چاقىرغان.

سامىر زۇبەرى پارلامېنت ئەزالىرىنى بۇ قارار لايىھەسىگە قارار بېرىشتە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەخپىي ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ئۇچۇرلارغا تەپسىلىي قاراپ چىقىشقا چاقىرىپ: «مەن، ھازىر قانداق بىلەت تاشلاش قارارىنى بېرىدىغانلاردىن سىز ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا چوڭقۇر ۋە تەپسىلىي قاراپ چىقىشىنى سورايمەن. بەزى ئۇچۇرلار ئاممىغا ئاشكارا بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئۇچۇرلار مەخپىي بولۇپ ئۇچۇق-ئاشكارا ئەمەس. مەن ھازىر قارار بېرىدىغان بۇ كىشىلەردىن بۇ ئۇچۇرلارغا قاراپ چىقىشىنى سورايمەن، قاراپ چىقساڭلار، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرىسىلەر» دېگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار «يەر يۈزىدىن يوق بولۇش ئىزتىراپى» نى چېكىۋاتقان بولۇپ، بىر مىليون ئادەم جازا لاگېرلىرىغا قامالغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان، ئائىلىرى پارچىلىنىپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن، ئاياللار مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزىلا قانۇنىي جەھەتتىن ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىققا كىرىدىكەن.

سامىر زۇبەرى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، كانادانىڭ جەنۇبىي ئافرىقادىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا خاتىمە بېرىشتە رەھبەرلىك رولىنى ئوينىغانلىقى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىمۇ يەنە بىر قېتىم رەھبەرلىك رولىنى ئوينىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ پالاتادىكى ھەر بىر پارلامېنت ئەزاسى ئورنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ قارار لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىشتە مەقسىتى ئېنىق بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.

كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قارار لايىھەسىنىڭ 1-فېۋرال پارلامېنتتا مۇتلەق كۆپ ئاۋازدا ماقۇللىنىشى مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.