خىتاينىڭ كانادانىڭ مونترىيال شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر پائالىيەتنى بىكار قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئاشكارا بولدى.
كانادا خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادانىڭ كونكاردىيا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان. بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان. بىراق يىغىندىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 25-مارت كۈنى مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى كايلى مەتتىۋس مونترىيالدىكى خىتاي باش كونسۇلىدىن ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن ھەققىدە جىددىي كۆرۈشۈش تەلەپ قىلىنغان بىر پارچە ئېلخەت تاپشۇرۇۋالغان.
كايلى مەتتىۋس بۇ ئېلخەتكە جاۋاب قايتۇرمىغان. ئۇ ئەتىسى پىلان بويىچە يىغىنغا بارغاندا باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭمۇ خىتاي كونسۇلىنىڭ ئېلخەت ئەۋەتىپ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى، كونكاردىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان پائالىيەتنى بىكار قىلىش توغرىسىدا خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىغان.
كايلى مەتتىۋس ئەپەندى كانادا خەلقئارا رادىيوسىغا قىلغان سۆزىدە خىتاي كونسۇلىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «پىكىر ئەركىنلىكىگە ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇھاكىمە-مۇنازىرە ئەركىنلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق» دەپ تەنقىد قىلغان. ئۇ بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەتتە 30 ئەتراپىدا ئادەم قاتنىشىدىغان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى بۇزۇشنىمۇ قانچىلىك مۇھىم بىر خىزمەت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېنىق نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
يېقىندا كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇشمۇ كانادانىڭ مەك-ماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە لاگېرلار ھەققىدە دوكلات بەرمەكچى بولغاندا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەشكىللىك ھالدىكى ھاقارەت قىلىشى ۋە تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. خىتاينىڭ ئوتتاۋادىكى ئەلچىخانىسى بولسا بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىلمىشىنى «ۋەتەنپەرۋەرلىك» دەپ قوللىغان. مەزكۇر ۋەقە خەلقئارا ئاخباراتلاردا كانادا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئىلىم ئەركىنلىكى ۋە خىتاينىڭ تەسىر كۈچى ھەققىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى.
نۆۋەتتە كانادانىڭ خىتاينىڭ يۇقىرىقىدەك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى چاقىرىقلارمۇ كۈچەيمەكتە. كانادادىكى ماك-دونالد لاۋرىيار تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات ماقالىسىدىمۇ كانادانىڭ «ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ئارقىلىق كانادانىڭ ئۆز قىممەت قاراشلىرىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، كانادانىڭ ھەرگىز خىتاينىڭ بېسىملىرىغا بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.