خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.09.19

«دۆلەتلىك پوچتا» (The National Post) تورىنىڭ 18-سېنتەبىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى كانادادا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى بېلەت تاشلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. كانادا پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان بېلەت تاشلاشتىن كېيىن، خىتاي بۇ قانۇن تەكلىپنى قوللاپ بېلەت تاشلىغان «بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇش» قا باشلىغان.

18-ئۆكتەبىر كۈنى كانادانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى خىتاينىڭ كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بېلەت تاشلىشىغا ئارىلاشقانلىقى ھەققىدىكى ھۆججەتنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كېيىن، كانادادا چىقىدىغان «دۆلەتلىك پوچتا» گېزىتى تورى بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئېنىق بولمىغان ساندىكى كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بېلەت تاشلاش ئىشىغا تۈرلۈك يوللار بىلەن تەسىر كۆرسەتكەن. يەنى خىتاي تەرەپ، كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغاندا، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنى بۇنىڭغا قارشى بېلەت تاشلاشقا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان ئىكەن.

كانادا پارلامېنتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسى ئاخىرىدا كانادا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان ئىدى. مەزكۇر ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن «بىر تۈركۈم كانادا پارلامېنت ئەزالىرىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇش» قا باشلىغان. بۇ ئەھۋاللار 18-ئۆكتەبىر كۈنى كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكېل چۇڭ (Michael Chong)نىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدە ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھەرىكىتىنىڭ دەلىللەنگەن مىساللىرىدىن بىرى ئىكەن.

ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىليونلىغان يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ 2016-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمى 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە لاگېرلارغا قامالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە يىللاردىن بۇيان بۇ يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش قىلمىشىنى «تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نامدا ئاقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا پارلامېنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلغان، شۇنداقلا خىتايغا قارىتا بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.