كانادادىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كانادالىقلارغا بىلدۈرۈشكە تىرىشماقتا

كانادانىڭ «چولپان» تورى 21-نويابىر ماقالە ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كانادا ھۆكۈمىتى ۋە پۇقرالىرىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى، ئەمما كۆزلەنگەن ئۈنۈمگە تېخى ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە كانادادا ياشاۋاتقان 2000 دىن كۆپ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھازىرمۇ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىدىن ئەنسىرەش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورقۇش ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، گەرچە كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن كىرزىسنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشتا مۇھىم قەدەم باسقان بولسىمۇ، خىتايغا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا كەلگەندە ئاستىلاپ قالغان.

ماقالىدە كانادانىڭ ۋانكوۋىر شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ۋەتەندىكى قېرىندشلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتقانلىقى، ئۇلارنى ئويلاپ ھەر ۋاقىت قورقۇنچ ۋە ئەنسىزلىك ئىچىدە ياشايدىغانلىقى، بۇنداق ھېسسىياتنى باشقا ئىنسانلارغا چۈشەندۈرۈپ بولالمايۋاتقانلىقى، ۋەتەندە بولۇۋاتقان قەبىھ زۇلۇمنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىدەك پاكىتلار شۇنچە ئېنىق تۇرسىمۇ خىتاينىڭ قارشىلىقى ۋە يالغانچىلىقى تۈپەيلىدىن بۇ دەۋانىڭ كۆزلەنگەن نىشانغا يەتمەيۋاتلىقى نۇقتىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، كانادالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى تېخى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىق بىلمىگەچكە، ئۇلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىمۇ ئانچە چۈشىنىپ يېتەلمىگەن. كانادادا خىتاينىڭ جىنايىتىگە قارشى بەزى جايلاردا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ تەسىرى چوڭ بولمىغان، كانادا جەمئىيىتى ۋە ھۆكۈمىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋەزىيەت تېخى شەكىللەنمىگەن.

10-ئاينىڭ 21-كۈنى، كانادا ئاۋام پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان قىلمىشلىرىنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» دە كۆرسىتىلىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە بارىدۇ دەپ ئېلان قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق غەزەبلەنگەن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن بۇ گۇرۇپپىنى يالغانچىلىقتا ئەيبلىگەنىدى. يېقىندا «كانادا رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئۇيغۇر رايونىغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئۇ جايدا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ھەقىقەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغان.

ماقالىدە زىيارەت قىلىنغان ئۇيغۇر ئايال كانادادا خىتاينىڭ بېسىمىنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، كوچىلاردا خىتايغا قارشى يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ قالسا ئاشكارە قارشىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ كانادا ھۆكۈمىتىگە توختىماي خەت يازغان، بەزى خەتلىرىگە جاۋاب كەلگەن بولسىمۇ كۆپىنچىسى جاۋابسىز قالغان. نامەلۇم كىشىلەر تېلېفوندا ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ، خىتايدىكى ئىشلار توغرۇلۇق ھېچنېمە دېمەسلىكىنى، ئەگەر يەنە خىتايغا قارشى سۆز-ھەرىكەتتە بولۇپ قالسا بېشىغا بالا ياغىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇخبىرغا بۇلارنى بايان قىلغاندىن كېيىن: «كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا زادى قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بەك بىلگۈم بار، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قانچىلىك چارە-تەدبىر قوللىنالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باققۇم بار» دېگەن.