كانادا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان 7 خىتاي شىركىتىنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتىنى چەكلەش تەكلىپى سۇنۇلغان

كانادادىكى ئىككى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىگە جازا قويۇشقا چاقىرغان.

7- دېكابىر كۈنى، كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» ۋە «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى گۇرۇپپىسى» (Human Rights Action Group) دىن ئىبارەت ئىككى تەشكىلات، كانادانىڭ يەر شارى ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا دوكلات سۇنۇپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقى ئىسپاتلانغان 7 خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاناداغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار ھۆكۈمەتكە يوللىغان بۇ تەكلىپىنى «قانۇنسىز دېڭىز ھەرىكىتى» (The Outlaw Ocean Project) ناملىق مۇستەقىل تەتقىقات ئورگىنىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىغا ئاساسەن تەييارلىغان. بۇ ئورگان بۇ يىل 10-ئايدا 4 يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئاز دېگەندە 10 خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغانلىقى، شىمالىي ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ زور قىسمىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

كانادا ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنغان يۇقىرىقى ئىككى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىلى خىتاينى كۆزدە تۇتۇپ ماقۇللىغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەدبىر قانۇنى (Special Economic Measures Act) بويىچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كانادا بازىرىدىن چەكلەشكە چاقىرغان.

جازا قوللىنىش تىزىملىكىگە ئېلىنىشى تەلەپ قىلىنغان 7 خىتاي شىركىتى يەنتەي سانكو بېلىقچىلىق شىركىتى، يەنتەي لوڭۋىن يېمەكلىكلىرى، چىشەن گورۇھى، شەندۇڭ مېيجيا گورۇھى، چىڭداۋ تيەنيۈەن سۇ مەھسۇلاتلىرى، روڭسېنسې گورۇھى ۋە شىنجاڭ جۇڭتەي جىخۇي مۇلازىمىتى قاتارلىق شىركەت ۋە مۇئەسسەسەلەردىن ئىبارەت ئىكەن. «قانۇنسىز دېڭىز ھەرىكىتى» تەشكىلاتى تەكشۈرۈشىدە پەقەت يەنتەي سانكو بېلىقچىلىق شىركىتىنىڭ ئۆزىدىلا 2018- يىلىدىن بېرى ئاز دېگەندە مىڭ نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ مەجبۇرىي ئىشلىتىلگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.