كانادانىڭ كارخانىلارنى نازارەت قىلىش ئورگىنى 24-ئاۋغۇست ۋولمارت (Walmart) ، ھيۇگو بوس (Hugo Boss) قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ كانادا تارمىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ مەزكۇر ئورگاننىڭ بۇ يىل 5-ئايدىن بېرى نايكې (Nike) ، كانادا خان جەمەتى ئالتۇنچىلىق شىركىتى، رالف لورېن (Ralph Lauren) قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن بۇيان، يەنە ئىككى داڭلىق خەلقئارالىق شىركەت ئۈستىدىنمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىشىدۇر.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا كارخانىلارنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى 24-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، كانادادىكى 28 تەشكىلاتنىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا سۇنغان ئەرز-شىكايىتىگە ئاساسەن، يۇقىرىقى ئىككى شىركەتكە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كانادا كارخانىلارنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئورگان يەنە ئىتالىيەنىڭ OTB شىركىتىگە قاراشلىق دېيزېل شىركىتى ئۈستىدىنمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن. كارخانىلارنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باش نازارەتچىسى شېرى مېيېرخوفېر 24-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «نۆۋەتتە، تەرەپلەر ئارىسىدا مۇرەسسە قىلىش مۇمكىنچىلىك بولمىغاچقا، بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بايانلارغا قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلايمىز» دېگەن. لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەيلى ھيوگو بوس ياكى ۋولمارت بولسۇن، ھەر ئىككى شىركەت ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان. ھالبۇكى، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلەنگەن ھېچقانداق بىر خەلقئارالىق شىركەت بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك بولسىمۇ ئۇنىڭغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋولمارت شىركىتى «ئەرز-شىكايەتتىكى ھېچقانداق بىر ئورۇن ئۆزلىرىنىڭ ئاكتىپ تەمىنلەش زەنجىرى دائىرىسىدە ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن. ھيۇگو بوس بولسا ئۇلارغا قارىتىلغان «ئەيىبلەشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلۇقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. كانادا كارخانىلارنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ۋولمارت ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قارىتا كونكرېت جاۋاب بەرمىگەن.