خىتاي ھۆكۈمىتى كانادالىق كەۋىن گارراتنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ رەسمىي قولغا ئالغان

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014‏- يىلى يىلى 8‏-ئايدا شىمالىي كورىيە چېگراسىدىكى دەندوڭدا قولغا ئېلىنغان كانادالىق ئەر-ئاياللاردىن كەۋىن گارراتنىڭ رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق كەۋىن گارراتنىڭ ئايالى جۇلىيې گاررات كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن.

ئەر-ئايال گارراتلار دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

ئىككىيلەن خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بەرگەن خرىستىئان دىنىي گۇرۇھلىرىنى باستۇرۇشقا باشلىغان مەزگىلدە قولغا ئېلىنغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي پەيشەنبە كۈنى «كەۋىن گاررات بىلەن جۇلىيې گاررات جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش گۇمانى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلدى.

جۇڭگونىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى بۇ دېلونى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن.

گاررات ئەر-ئاياللار «قۇتۇپ يۇلتۇزى» ناملىق كانادادىكى خرىستىئان دىنىي ياردەم گۇرۇھىغا ئىشلىگەن. كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق مەزكۇر دىنىي جەمئىيەت خىتايغا قېچىپ كىرگەن شىمالىي كورىيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىدى.